باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: قىزىل تاشقىن رايونىدىكى قۇلۇلە تۈرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

جەنۇبتىكى بىر قىسىم دېڭىز تەۋەسىدە قىزىل تاشقىن يۈز بەردى، پالەچلىنىش خاراكتېرلىك قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر توكسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ

2017.06.12 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈندىدارى 11-ئىيۇن ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئاممىغا ئەسكەرتىش بەردى. يېقىندا، جەنۇبتىكى بىر قىسىم دېڭىز تەۋەسىدە قىزىل تاشقىن يۈز بەردى. قىزىل تاشقىن جانلىقلىرىنىڭ بىرىنچى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرى زەنجىرسىمان ئالېكساندر يۈسۈن بولۇپ، بۇ خىل يوسۇن پالەچلىنىش خاراكتېرلىك قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر توكسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. پالەچلىنىش خاراكتېرلىك قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر توكسىنىنىڭ زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك زەھەر قايتۇرۇش ئۇسۇلى يوق. ئىستېمالچىلار ۋە يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرى قىزىل تاشقىن رايونىدىكى قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنى سېتىۋېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، خاتا يەپ سېلىپ، زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

  يېقىندا جەنۇبتىكى بىر قىسىم دېڭىز تەۋەسىدە قىزىل تاشقىن يۈز بەردى. قىزىل تاشقىن يۈز بەرگەندە دېڭىز-ئوكيان ياكى كۆل سۈيى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئۇ سۇ تەركىبىدىكى بەزى باكتېرىيە، پىروتوزوئا ۋە لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەلگىلىك مۇھىت شارائىتى ئاستىدا ئۇشتۇمتۇت كۆپىيىشى ياكى يۈكسەك دەرىجىدە توپلىشىشى سەۋەنلىك كېلىپ چىقىدىغان ھادىسە. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز ئوكياندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش پونكىتى ھۆكۈمەت تور پونكىتى 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان « فۇجيەن دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىدا قىزىل دولقۇن يۈز بېرىش شەرتلىك مۆلچەرى(2017-يىل 41-سان)»دە كۆرسىتىلىشىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك قىزىل تاشقىن ئاپىتى كۆزىتىش تورىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، چۈەنجۇ شىشى شەھىرىنىڭ مېيلىن پىرىستانى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە 6-ئىيۇن قىزىل تاشقىن يۈز بەرگەن، كۆلىمى تەخمىنەن ئىككى كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قىزىل تاشقىن سۈيى تۇتۇق قىزىل رەڭدە ياپىلاقسىمان تارقالغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قىزىل تاشقىن جانلىقلىرىنىڭ بىرىنچى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرى زەنجىرسىمان ئالېكساندر يۈسۈن بولۇپ، بۇ خىل يوسۇن پالەچلىنىش خاراكتېرلىك قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر توكسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. پالەچلىنىش خاراكتېرلىك قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر توكسىنى ئېلىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان قىزىل تاشقىن توكسىنى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان توكسىننىڭ بىرى، زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك زەھەر قايتۇرۇش ئۇسۇلى يوق. كىشىلەر تەركىبىدە بۇ خىل توكسىن بار قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنى يەۋالسا، بەدىنىدىكى نېرۋا مۇسكۇللىرى پالەچلىنىپ، يېنىك بولغاندا كالپۇك ئۇيۇشۇش ۋە سانجىپ ئاغرىش، پۇت-قول مۇسكۇلى پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا، نەپەسلىنىش مۇسكۇلى پالەچلىنىپ، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادەم بەدىنى يېنىك دەرىجىدىكى توكسىن، ئېغىر مېتال قاتارلىقلارنى چىقىرىۋېتەلەيدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر