باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاي شەھىرى پويىز قاتنىمايدىغان تارىخى بىلەن خوشلاشتى

2017.06.12 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئىيۇن سائەت 9دا، پويىز گۈدۈكىنىڭ بىر چالغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالتايدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇغا قاتنايدىغان K9772/3 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئالتاي ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى چېگراغا جايلاشقان بۇ كىچىك شەھەر پويىز قاتنىمايدىغان تارىخى بىلەن خوشلىشىپ، تۆمۈريول تورىغا رەسمىي كىردى .

  ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: شىنجاڭ تۆمۈريول تورى يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ بېيتۇن-ئالتاي تۆمۈر يولى ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى كۇيتۇڭ-بېيتۇن تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىپ، شەرق تەرەپتىن ھازىر سېلىنىۋاتقان ئالتاي- ڧۇكاڭ - كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىدۇ. بېيتۇن-ئالتاي تۆمۈر يولى بېيتۈن شەھىرى ۋوگزالىدىن چىققاندىن كېيىن، بېيتۈن بازىرىدىن ئۆتۈپ، ئېرتىش دەرياسى ۋە قىران دەرياسىنى ھالقىپ، ئالتاي شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ غول لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 67.05 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتكۈل لىنىيەدە بالباغاي ۋوگزالى ۋە ئالتاي ۋوگزالى دېگەن ئىككى تۇراق تەسىس قىلىنغان.

  شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۇ، مول قېزىلما بايلىققا ۋە مەملىكەت بويىچە باشقا جايلاردا تېپىلغۇسىز ئۆزگىچىلىكى بولغان ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، ھەمدە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ شىمالىي يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. يولۇچىلارنىڭ بۇ تۆمۈر يول قاتناش تۈرى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە تۆمۈريول، تاشيول ۋە ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت «ئۈچى بىر گەۋدىلىشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىستېرېئولۇق ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك بىر ھاياتىي كۈچ بېغىشلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر