سۈرەتتە: مۇسابىقە نەق مەيدانى (يېشىل كىيىملىكلەر تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى، قارا كۆك كىيىملىكلەر بېيجىڭ رېنخى كوماندىسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇن سائەت 19دا، 2017-يىللىق جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 13-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بېيجىڭ رېنخى كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، باباكارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا ئۇرغان ھەل قىلغۇچ توپى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ رېنخى كوماندىسىنى ئۇتۇپ، ئۈچ نومۇر ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ رېنخى كوماندىسىغا بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى «مەغلۇبىيەت»نى تەقدىم قىلدى.
مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا، ئىككى تەرەپ تەڭ تىركەشكەن بولسىمۇ، ھېچ بىر تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى. ئىككىنچى مەيدان باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىدىن ئابدۇخەمىت بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1 دە 0 قىلدى. شۇندىن كېيىن بېيجىڭ رېنخى كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 82 مىنۇت بولغاندا، بىر توپ ئۇرۇپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ، مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىگە ئېرىشتى. لېكىن باباكارنىڭ 90 مىنۇت بولغاندا ئۇرغان توپى بېيجىڭ رېنخى كوماندىسىنىڭ ئۈمىدىنى بەربات قىلدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشتى.
18-ئىيۇن سائەت 19دا (بېيجىڭ ۋاقتى) شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭدىن كەلگەن يەنە بىر كوماندا __ بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى