خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى 9-ئىيۇن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتانبايېۋ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋلار بىلەن بىللە يىغىنغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئالدى بىلەن تار دائىرىلىك يىغىن ئاچتى، ئاندىن كۆزەتكۈچى دۆلەت − ئافغانىستان زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ئەشرەف غەنى، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبىگ دورجى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف ۋە ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىق ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كەڭ دائىرىلىك يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. نەزەربايېۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، ۋەزىپىسى ۋە ئىستىقبالىنى تەھلىل قىلىپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يىغىندا ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك ئورنى رەسمىي بېرىلدى. يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنى 2018-يىلى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈش، جۇڭگونى كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىس دۆلەت قىلىش قارار قىلىندى.
شى جىنپىڭ يىغىندا «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، بىخەتەر، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن ئورتاق يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، شۇنداقلا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاققىچە ئىناق- دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»غا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن ئورتاق يۇرت-ماكان قۇرۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى