باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-ئايدا CPI نىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كېڭەيدى

2017.06.12 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 5-ئايدا CPI نىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.1 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كېڭەيگەن؛ PPI نىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.3 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن داۋاملىق تۆۋەنلىگەن.

  سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، 5-ئايدا CPI %0.1 تۆۋەنلەپ، ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى شېڭ گوچىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېمەكلىك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى %0.7 تۆۋەنلەپ، CPI نىڭ تۆۋەنلىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تەخمىنەن 0.14 پىرسەنت پوئىنت بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى كۆكتات، تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ CPI نىڭ تۆۋەنلىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى 0.24 پىرسەنت پوئىنت بولدى. تۆت پەسىل مېۋە-چېۋىلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ CPI نىڭ ئۆسۈشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تەخمىنەن 0.10 پىرسەنت پوئىنت بولدى. يېمەكلىكلەردىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىگە تەڭلەشتى.

  بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 5-ئايدا CPI %1.5 ئۆسكەن بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيدى. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بۇلتۇرقى باھا ئۆزگۈرىشى ئامىلى تەخمىنەن 1.0 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيدى؛ باھانىڭ يېڭى ئۆسۈش ئامىلى 0.5 پىرسەنت پوئىنت بولدى. 5-ئايدا، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەدىن تۇتۇپ قېلىنغان يادرولۇق CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىگە تەڭ بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر