باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پارتىيەلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرى فۇجۇدا ئېچىلدى

ليۇ يۈنشەن مۇنبەرگە قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2017.06.12 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پارتىيەلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرى 11-ئىيۇن فۇجۇدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، «ئورتاق ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9-ئايدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقاندىن كېيىن ئېچىلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم خەلقئارالىق يىغىن. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە خەت يازغاندا، جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شيامېن ئۇچرىشىشىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، دېدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ «ئورتاق ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن باش تېمىغا مۇجەسسەملىشىپ، شيامېن ئۇچرىشىشى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر