باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى لى خۇيلەي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى

2017.06.12 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى لى خۇيلەي 9-ئىيۇن ئاستانادا تونۇشتۇرۇپ: بۇ يىغىن بۇ يىل جۇڭگونىڭ ياۋروپا-ئاسىيا رايونىغا يۈزلەنگەن بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەھدىت، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ھەققىدە، لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دەپ قارايدۇ، بۇ نەتىجىلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ھىندىستان، پاكىستانغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك ئورنى بېرىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم كېڭەيتىلدى. ئىككىنچى، «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇش قارار قىلىنىپ، يېڭى-كونا ئەزالارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى كۈچەيتىلدى. ئۈچىنچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى. تۆتىنچى، بۇ يىل 5-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش قوللاشقا ئېرشتى. بەشىنچى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىمزالانغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، رايونلار سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاش قارار قىلىندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ 2017-، 2018-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇشى ھەمدە 2018-يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر