باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى

2017.06.12 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى 11-ئىيۇن باشلاندى. بۇ يىلقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى-ئېلىمىزنىڭ 27-مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، «ئېنېرگىيە تېجەشتە مەن بار، يېشىللىقتىن ھەمبەھىرلىنەيلى» بۇ قېتىمقى ھەپتىلىكنىڭ باش تېمىسى قىلىنغان.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە تېجەش، تۈجۈپلىك دەۋرى پايدىلىنىش بايلىق قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 14 مىنىستىرلىق، كومىتېت «2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى ۋە مەملىكەت بويىچە تۆۋەن كاربونلۇق كۈنى پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىشىپ تارقىتىپ، بۇ يىل 11-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە بولغان كۈننى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى قىلىشنى، 13-ئىيۇننى مەملىكەت بويىچە تۆۋەن كاربونلۇق كۈن قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ يىلقى تۆۋەن كاربونلۇق كۈن-ئېلىمىزنىڭ 5-مەملىكەتلىك تۆۋەن كاربونلۇق كۈنى بولۇپ، «سانائەتنى تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش» باش تېما قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ يىل مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى ۋە مەملىكەتلىك تۆۋەن كاربونلۇق كۈنى پائالىيىتى مەزگىلىدە، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانلىرىنى كۆرسىتىش، ئېنېرگىيە تېجەشنى مەكتەپلەرگە، كارخانىلارغا، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەش مەھسۇلاتلىرىنى سودا-سارايلارغا كىرگۈزۈش، يېشىل سەپەرگە چىقىش، ئېنېرگىيە تېجەش ساۋاتلىرى بويىچە مۇكاپاتلىق سوئال جاۋاب پائالىيىتى، باش تېمىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش، سانائەتتە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر