باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارالىق پوسۇلكا بىلەن زەھەر ئەتكەس قىلىش قىلمىشىنىڭ ئېغىرلاپ قالغانلىقىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلدى

2017.06.12 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاموژنا ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارماقلىرى يېقىندا خەلقئارالىق پوسۇلكا بىلەن زەھەر ئەتكەس قىلىش قىلمىشىنىڭ ئېغىرلاپ قالغانلىقىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىر قوللۇق پىلانلىغان زەھەر توشۇش قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماسلىق، باشقىلارغا ۋاكالىتەن پوسۇلكا سالماسلىق ۋە ئالماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، پوسۇلكا سېلىش ۋە ئېلىشتا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى تولۇق ئەمەلىيلەشمەسلىك سەۋەبىدىن زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئادەم ۋە مالنى ئايرىش ئۇسۇلىنى، باشقا جايدا سېلىپ، باشقىلارغا ئالدۇرۇش ۋە سالغۇزۇش قاتارلىق ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ، قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالغان، چەتئەلدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى ھەمىشە مۇھەببەتلىشىش ياكى يۇقىرى ھەق بېرىشنى يەمچۈك قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكىلەرنى قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، بولۇپمۇ ياش قىز يىگىتلەر ئۇلارنىڭ پوسۇلكىسىنى ۋاكالىتەن ئالىدىغان ياكى سالىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغانلار ئادەتتە ئافرىقىلىقلاردىن باشقا يەنە دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ خېلى كۆپ ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىغان زەھەر يۆتكەش قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن باشقىلارغا ۋاكالىتەن پوسۇلكا سالماڭلار ۋە ئالماڭلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر