باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

2017.06.12 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساغلاملىق __ ھاياتلىقنىڭ ئاساسى شۇنداقلا بەختنىڭ مەنبەسى. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى» ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن بۇيان جايلاردا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى.

  فاڭ جۇڭتيەن، باي ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئىدارىدىن دەم ئېلىشقا چىققان بولۇپ، ئۇ 2016-يىلى 8-ئايدا مېڭىسىگە قان چۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان.

  جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىختىساسلىق خادىم، باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن تيەنسۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ سول تەرىپى كۈچسىز بولۇپ، قولىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، پۇتىدا ئازراقمۇ كۈچ يوق، ئۇ كەلگەن ۋاقىتتا يولمۇ ماڭالمايتتى، ئەگەر بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى ياكى كارىۋاتتا ياتاتتى، ئۇ بىزنىڭ بىر ئايلىق داۋالىشىمىز ۋە پەرۋىش قىلىشىمىز ئارقىلىق، ھازىر ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدىغان ھالەتكە يەتتى، تېخى تورغا چىقىپ مەشغۇلات قىلالايدۇ».

  2016-يىلى 11-ئايدا، باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى 4 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى ئاستىدا، داۋالاش بۆلۈمى قۇرغان بولۇپ، فاڭ جۇڭتيەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كېسەل ئىدى.

  بىمار فاڭ جۇڭتيەن مۇنداق دېدى: «ئەھۋالىم بەك ئېغىر ئىدى، ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقالمايتتىم، دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىس، دوختۇرلارنىڭ ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئارقىلىق، ھازىر سالامەتلىكىم ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلدى، چوڭ-كىچىك ھاجەت قىلىش، تاماق يېيىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقالايدىغان، ئاستا-ئاستا ماڭالايدىغان بولدۇم».

  نۆۋەتتە باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ كېسەل كارىۋىتى 40 قا، تۈرلۈك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى 147گە يەتتى. يېزا، كەنتلەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردىن 27 نەپەر مەخسۇس داۋالاش خادىملىرىنى ئاجرىتىپ، 10 داۋالاش ئەترىتىنى ئاساسى قاتلامدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ بىر يىللىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 200 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ناھىيە تەۋەسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. (باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن: ھەسەن تۇنىياز)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر