- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گۇتېرىس، ئىراندىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى
2017.06.09 14:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 7-ئىيۇن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراندا شۇ كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، ھەمدە ھۇجۇم قىلغۇچىنى تېزدىن قانۇن تورىغا ئىلىشنى ئۈمىد قىلدى.
باش كاتىپنىڭ باياناتچىسى دىيارىك قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: گۇتېرىس ئىران ھۆكۈمىتىدىن ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلاردىن ھال سورىدى، يارىدار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى، گۇتېرىس، زوراۋانلىق ھۇجۇمنى پەيدا قىلغۇچىنى تېزدىن قانۇن تورىغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. باياناتتا، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا بىرلىكتە زەربە بېرىشى بىلدۈرۈلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر