سۈرەتتە: سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت -تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 9-ئىيۇن، چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسى غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت-تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى»نى تەبرىكلەش سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرەك پائالىيىتىدە ئەلئىچى سەنئەتكارلىرى «پارتىيەگە مەدھىيە»، «يۇرت سۆيگۈسى»، «قۇرۇلتايغا تەلپۈنۈش» قاتارلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى كۈيلەيدىغان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى»نى كۈتۈۋالدى. (چەرچەن ناھىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى