- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە پارلامېنتى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ قاتارغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە يول قويۇشنى تەستىقلىدى
2017.06.09 14:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە خەلق پارلامېنتى 7-ئىيۇن ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، تۈركىيەگە قاتاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا ۋە قاتارنىڭ قىسىملىرىنى تەربىيەلىشىگە ياردەم بېرىشكە ئىجازەت بەردى.
سۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شۇ كۈنى ئەتىگەندە، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، خەلق پارلامېنتى ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن قانۇن تۇرغۇزۇش تەرتىپىگە كىرگۈزگەن ھەمدە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىككى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، تۈركىيە قاتاردىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بازىسىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرنى ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە قاتار ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر