باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي شەھىرىدە تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن مۇسابىقە ئىشلىرى مۇلازىمىتى سېتىۋىلىندى

2017.06.13 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-ئىيۇن ئېچىلغان قاراماي شەھەرلىك 9-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە شياڭگاڭ چولپانلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ قارامايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ساخاۋەت دوستلۇق مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، قاراماي شەھەرلىك 9-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، خەلقنىڭ ئاكتىپ مۇسابىقە كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، خەلققە «خۇشال كەيپىيات» بېغىشلاش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن مۇسابىقە ئىشلىرى مۇلازىمىتى سېتىۋالغان بولۇپ، جەمئىيەت، كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ مۇسابىقە پىلانلاش، تەشكىللەش قاتارلىق كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىشلەنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، شياڭگاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە تەكلىپ ئەۋەتىپ، قارامايدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىر مەيدان ساخاۋەت دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۇيۇشتۇرۇلغان.

  قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنھەرىكەت يىغىنىنى قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرىدىغان بولۇپ، تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. 8-نۆۋەتتىن باشلاپ ياشلار-ئۆسمۈرلەر يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكەتچىلىرى قوبۇل قىلىنىپ قاتناشتۇرۇلغان. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ياشلار-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقە تۈرى يېنىك ئاتلېتكىدىن باشقا يەنە سېتكا توپ، سۇ ئۈزۈش، قورشاۋ شاھمات قاتارلىقلار بار.

  قاراماي شەھەرلىك 9-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۈچ چوڭ توپ تۈرىدىن باشقا بېلىق تۇتۇش، يېنىك ئاتلېتكا قاتارلىق 14 چوڭ تۈر، 181 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، خەلقنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بىر تەنھەرىكەت مەرىكىسى بولۇپ قالغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر