- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېرما 120 كىشى ئولتۇرغان بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىدى
2017.06.09 14:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى 7-ئىيۇن 120 كىشى ئولتۇرغان بىر ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى. بېرما ھەربىي تەرەپتىكى خەۋەردار ئەرباب شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئىزدەش كۈچلىرى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان دېڭىزدا ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرىنى تاپتى، ھازىر ئاختۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدىمەكتە، ئۇندىن باشقا بېرمىدىكى يەنە بىر تاراتقۇ، ھادىسىگە ئۇچرىغان جايدا يەنە ھايات قالغان ئۈچ كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر