باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى قوش تەقسىملەش تەكلىپىنى ماقۇللىدى

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2024- يىللىق ۋە 2028- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايمۇ بېكىتىلىدىكەن

2017.06.12 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ 9 - ئىيۇن شىۋېيتسارىيەنىڭ لائۇساڭدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى شۇ كۈنى «قوش تەقسىملەش» تەكلىپىگە بىردەك قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2024- يىللىق ۋە 2028- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايمۇ بېكىتىلىدىكەن.

  شۇ كۈنى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن باخ ئولىمپىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى تەكلىپكە بۈگۈن بىردەك قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2024- يىللىق ۋە 2028- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايمۇ بېكىتىلىدۇ.

  لېكىن باخ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەزكۇر لايىھە 7- ئاينىڭ 11- كۈنى ۋە 12- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە يىغىندا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە قارار قىلىنىشى لازىم.

  2024- يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر بۇ يىل 9- ئايدا پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 130- قېتىملىق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئۇنى تالىشىۋاتقان ئىككى نامزات شەھەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر