باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20- نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسى ئاياغلاشتى

ئىمزالانغان تۈر كېلىشىملىرىنىڭ 82سىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 70 مىليارد يۈەنگە يەتتى

2017.06.12 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان 20- نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا كەسىپلىرى يەرمەنكىسى 10- ئىيۇن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلىدە ئىمزالانغان تېخنىكا سودىسى ۋە كەسىپ ھەمكارلىق تۈرىنىڭ 82سىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 73 مىليارد 326مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە ئىمزالانغان تۈرلەر تۆت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىسى، ئالىي سۈپەتلىك بولۇش، سەرخىل بولۇش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇشتەك كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش. مەسىلەن، جيوتيەن مىكرو يۇلتۇز پۈتۈن دۇنيا بەھرىمەن بولغۇسى سۈنئىي ھەمراھ يۇلتۇز تۈركۈمى پىلانى تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق چوڭ تۈرنىڭ توختام سوممىسى 49 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۇ، ئومۇمىي كېلىشىم سوممىسىنىڭ %67.5نى ئىگىلىگەن. ئىككىنچىسى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇلۇشىغا ياردىمى بولۇش. بۇ نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە، تيەنجىن دۇڭجاڭ باجدىن خالىي پورت رايونى تۈرى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇ بوخەي دېڭىزى يېڭى رايونى تۈرى قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇ تۈرلەر ئومۇمىي ئىمزالانغان تۈرلەر سانىنىڭ % 12.4ىنى ئىگىلىگەن. ئۈچىنچىسى، پايتەختنىڭ ئىقتىدارى ھېسابلانمايدىغان تۈرلەرنى پائال راۋانلاشتۇرۇش ۋە «چوڭ شەھەر كېسىلى»نى ھەل قىلىش. بۇ جەھەتتە ئىمزالانغان تۈرنىڭ سوممىسى بەش مىليارد يۈەندىن ئاشقان. بېيجىڭدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر خېبېي ئۆلكىسىدە زاۋۇت ۋە ئەشيا ئوبوروتى بازىلىرىنى قۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭدا يەنە بىر قانچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەر، قاتناش تۈگۈنلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ۋە ھىدروگېنلىق يېقىلغۇلار دېگەندەك تۈرلەرمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، «چوڭ شەھەر كېسىلى»نى پائال تۈردە ھەل قىلىش نىيەت قىلىندى. تۆتىنچىسى، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى گەۋدىلىك بولۇش دېگەندەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر