- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلىسىگە باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە ئۈچ يىل داۋاملىشىدۇ
2017.06.14 14:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار باج سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، دېھقانلارغا ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ؛ دېھقانلارغا ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆسۈم كىرىمى، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ھېسابلىغاندا %90 بويىچە كىرىم ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق سۇغۇرتا كەسپى بىلەن تاپقان سۇغۇرتا كىرىمى، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ھېسابلىغاندا %90 بويىچە كىرىم ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى يىغىلغان قوشۇلما قىممەت بېجى، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئايلاردا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قوشۇلما قىممەت بېجىغا توغرىلىنىدۇ ياكى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر