باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە زۇڭتۇڭى تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نۇتۇقى سۆزلىدى

2017.06.13 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە زۇڭتۇڭى مۇنجەئىن 12-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن كورېيە پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نۇتۇقى سۆزلەپ، پارلامېنتىنىڭ تولۇقلىما خامچوت لايىھەسىنى بالدۇرراق ماقۇللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىش، كىرىم پەرقنى كىچىكلىتىش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش نىشانىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئۇ نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: كورېيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 2000-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، ئىشسىزلار سانىمۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر. بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن كەسكىن. كورېيەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشتىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بۇرۇلۇش ياسىشى كېرەك. ئۇ پارلامېنتىنىڭ تولۇقلىما خامچوت لايىھەسىنى تېزدىن تەستىقلاپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردە بالدۇرراق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر