باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك بېشبالىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.06.13 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جىمىسار ناھىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك بېشبالىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 6-نۆۋەتلىك بېشبالىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە جىمىسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئۈچ كۈنلۈك بېشبالىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى پائالىيىتىدە، ئۆي-زېمىن يەرمەنكىسى، ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ۋە «مەن بېشبالىققا ۋەكىل بولىمەن» __ بېشبالىق يۇلتۇزىنى باھالاش پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ۋە بېشبالىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ كوزور نومۇرى «يىپەك يولىدىكى بېشبالىق، شاھ رىۋايىتى» داڭلىق چولپانلار ناخشا كېچىلىكى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  جىمىسار ناھىيەسىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل بولۇپ، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى، قاڭقىللار قەدىمىي يولى، مىڭئۆي، كونا دېڭىز ئارشىڭى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىمىسار ناھىيەسى ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، «يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، يۈرۈش، ساياھەت، مال سېتىۋىلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق ساياھەتچىلىك ئامىللىرىنى بارغانسىرى تولۇقلاپ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال تەلىپىنى قاندۇردى. 2016-يىلى جىمىسار ناھىيەسى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2 مىليون 9000 يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %11.49 ئاشتى. ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 909 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %21.74 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر