خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ليۇكسىنبۇرگنىڭ باش ۋەزىرى بېتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ليۇكسىنبۇرگ جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان ، باشتىن ئاخىر بىر بىرىنى ھۆرمەتلىدى، باراۋەر مۇئامىلە قىلدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ئۇزۇن مەزگىل ساغلام مۇقىم راۋاجلاندى،شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. جۇڭگو ليۇكسىنبورگ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ليۇكسىنبورگ مۇناسىۋېتىدىكى تېخىمۇ پارلاق گەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى