باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ توققۇزتارا خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.13 16:47   مەنبە: خەلق تورى

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ توققۇزتارا خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇندىن 11-ئىيۇنغىچە، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ توققۇزتارا خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى ئىلى ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىملىق بوكس مۇسابىقىسىنى ئىلى ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەشكىللەپ ئۆتكۈزدى، مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملاشتى. رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن ماھىرلار ۋە ساھىبخان جۇڭگو شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى 41 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ رىقابەتلەشتى.

  بۇ، بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇسابىقە بولۇپ، خەلقئارادىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ماھىرلار قاتناشتى. مەسىلەن: رۇسىيە كوماندىسىدا ياۋروپا ياشلار بوكس چېمپىيونى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئەزالار رۇسىيە خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ھەر خىل دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيون بولغان. قازاقىستان كوماندىسىدىكى ئىككى ماھىر WSB (خەلقئارا بوكس بىرلەشمە مۇسابىقىسى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ) مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ. قازاقىستان كوماندىسىدىكى كوماندا يېتەكچىسى سەلىك 2004-يىللىق ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىس مېدالىغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرىمىزغا نىسبەتەن بىر مۇھىم تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ».

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە «كوللېكتىپ مۇسابىقە» شەكلى بويىچە تاق مەيدان ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ، تۆت كۈنلۈك مۇسابىقىدە ماھىرلارغا قويۇلىدىغان تەن قۇۋۋىتى جەھەتتىكى تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى مۇقىم بولۇپ، مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى سىجىل …
    ·2017-يىللىق قازاقىستان-جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى−شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى ئالمۇتادا باشلاندى
    ·ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونى رەسمىي ئېچىۋىتىلدى
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل…
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى ئالدامچىلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
    ·2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى
    نۇرغۇن جايلار ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قى…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىدىن ئىمتىھان مەيدانىغا…
    ·نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تونۇشۇش
    ·56 ياشلىق رۇشەنگۈل ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 4-قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنىڭ يېزىلارنى تولۇ…