باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم مەلۇم بىرېگادىسىنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش بىرىنچى روتىسىغا شەرەپلىك نام بېرىش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى ئىمزالىدى

2017.06.14 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم مەلۇم بىرېگادىسىنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش بىرىنچى روتىسىغا شەرەپلىك نام بېرىش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى ئىمزالىدى.

  بۇيرۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ روتا پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئۈچتە قەتئىي» تەلىپى بويىچە ئارمىيە روھىنى تاۋلاپ، «غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان» بولۇش تەلىپى بويىچە يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، «دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى» خىل ئارمىيەنى يېتىشتۈرۈپ، « پولاتتەك ھەربىي ئىنتىزام»غا رىئايە قىلىپ، يېڭى ئوبراز تىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىپ، يېڭى يۈكسەكلىككە قەدەم تاشلاپ، بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملاپ، ئالاھىدە مۇھىتتا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ فۇنكسىيەلىك بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلدى. شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ قېتىم سابىق گۇاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ «ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دەپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، روتا پارتىيە ياچېيكىسى «مەملىكەتلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ تەقدىرلەنگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر