خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 13-ئىيۇن 50 قىسىملىق كومېدىيەلىك تېلېۋىزىيە فىلىمى «خۇشال بىر ئائىلە كىشىلىرى»نى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا، شىنجاڭدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان 50 قىسىملىق كومىدېيەلىك تېلېۋىزىيە فىلىمى «خۇشال بىر ئائىلە كىشىلىرى» سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن.
«خۇشال بىر ئائىلە كىشىلىرى» فىلىمىنىڭ سېنارىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلىغۇچى، سېنارىيەلەشتۈرگۈچى ياڭ جىنفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ سېنارىيە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتىپ كېلىشى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، قان بىلەن گۆشتەك چوڭقۇر ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھىر-مۇھەببىتى روھىي تىرەك قىلىنىپ، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلۈك كومېدىيەلىك تىياتىر شەكلىدە، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلىنىپ، ئىناق ۋە خۇشال ھالەتتىكى شىنجاڭ نامايان قىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى