باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: تۆت خىل تەدبىر ئارقىلىق «كەنت زومىگىرى» ۋە دىنىي رەزىل كۈچلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇلارنى جازالاش كېرەك

2017.06.14 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۇ چاۋشى 13-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى جايلاردا كۆرۈلگەن «كەنت زومىگىرى» ۋە دىنىي رەزىل كۈچلەرنىڭ كەنتتە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىسىگە قارىتا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ تەڭ تۇتۇپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، تۆت خىل تەدبىر ئارقىلىق «كەنت زومىگىرى» ۋە دىنىي رەزىل كۈچلەردىن مۇداپىئەلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى جازالايدۇ.

  گۇ چاۋشى مۇنداق دېدى: «كەنت زومىگىرى» ۋە دىنىي رەزىل كۈچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارماقلار ماسلىشىش، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىپ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزۈش، جازالاش بىلەن مۇداپىئەلىنىشنى تەڭ تۇتۇش خىزمەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش داۋامىدا «كەنت زومىگىرى» ۋە دىنىي رەزىل كۈچلەردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇلارنى جازالىشى كېرەك. كونكرېت جەھەتتىن تۆت تۈرلۈك تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا مۈلكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يېزا، مەھەللىلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر