خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزۇندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەۋزەل تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بىلەن جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ساياھەتچىلەرگە ھەر بىر قېتىم شىنجاڭنى تونۇشتۇرغىنىدا، «گۈزەل شىنجاڭ»، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان جاي» دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئۇنداقتا، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى زادى قانچىلىك ياخشى؟ بۇنى ئىپادىلىيەلەيدىغان كونكرېت سانلىق مەلۇمات بارمۇ-يوق؟
12-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئورمانلىق، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى قىممىتىنى باھالاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلمىي باھالاشقا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ 2014-يىللىق ئورمانلىق ۋە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئومۇمىي قىممىتى 736 مىليارد 604 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ دېگەنلىك، شۇ يىلدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر يىللىق GDP ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %79.4 ىگە تەڭ قىممەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى قىممىتى 489 مىليارد 80 مىليون يۈەن، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى قىممىتى 247 مىليارد 524 مىليون يۈەن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى