باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2017-يىللىق قازاقىستان-جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى−شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى ئالمۇتادا باشلاندى

2017.06.13 16:12   مەنبە: خەلق تورى

2017-يىللىق قازاقىستان-جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى−شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى ئالمۇتادا باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كىنو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئۆز ئارا زىيارەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى، قازاقىستان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، قازاقىستان دۆلەتلىك كىنو باش شىركىتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى، شىنجاڭ كىنو تارقىتىش-قويۇش شىركىتى ئۈستىگە ئالغان 2017-يىللىق قازاقىستان-جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى _ شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە باشلاندى.

  ئۇقۇشىمچە، 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى «2017-يىللىق قازاقىستان-جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى ئىكەن، كىنو ھەپتىلىكىدە شىنجاڭدا ئىشلەنگەن «مېھىر-مۇھەببەت»، «ئارزۇ قاناتلانغان جاي»، «گۈلبىكە»، «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» قاتارلىق تۆت ھېكايە فىلىم ئالمۇتادىكى بەش چوڭ كىنوخانىدا قويۇلىدىكەن. «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» كىنو ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش فىلىمى سۈپىتىدە ئەڭ دەسلەپ قازاقىستان خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

  كىنو ھەپتىلىكىگە قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەرنىڭ تېمىسى مول، مىللىي ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ فىلىملەردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات-ئۆزگىرىشلەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، گۈزەل، باياشات تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  كىنو كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو-قازاقىستان كىنو ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى، كىتاب ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى غەربىي يۇرت ۋە زامانىۋى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر «شىنجاڭ مەجمۇئەسى»دىن بەش خىل يېزىقتا 90 يۈرۈش سوۋغا قىلىنىپ، مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق قازاقىستان خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشى كۈچەيتىلىدۇ. كىنو ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كىنو ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر زامانىۋى كىنو مەدەنىيىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۇل سالدى.

  بۇ قېتىمقى قازاقىستان جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى −شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەت «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى مۇقىم بولۇپ، مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى سىجىل …
    ·2017-يىللىق قازاقىستان-جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى−شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى ئالمۇتادا باشلاندى
    ·ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونى رەسمىي ئېچىۋىتىلدى
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل…
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى ئالدامچىلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
    ·2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى
    نۇرغۇن جايلار ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قى…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىدىن ئىمتىھان مەيدانىغا…
    ·نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تونۇشۇش
    ·56 ياشلىق رۇشەنگۈل ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 4-قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنىڭ يېزىلارنى تولۇ…