باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شەھەر، يېزا، مەھەللىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى

2017.06.13 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر، يېزا، مەھەللىلەر جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ تۈپ بىرلىكى. شەھەر ،يېزا مەھەللىلەرنى تۈزەش - پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاھالىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، شەھەر يېزا ئاساسىي قاتلىمىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تۈزەش ۋە ئىجتىمائىي تەڭشەش، ئاھالىنىڭ ئۆز ئۆزىگە خۇجا بولۇش بويىچە ياخشى تەسىر كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزا، مەھەللەرنى تۈزەشنى قانۇنلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە تەشكىلللەش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ،شەھەر، يېزا، مەھەللىلەرنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەھەر، يېزا، مەھەللىلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1)يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18- قۇرۇلتاي ۋە ج ك پ 18 –نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-،4-، 5-،6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۈرى، يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك»ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ھالقا، ھۆكۈمەتنىڭ تۈزىشىنى يېتەكچى، ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىنى يۆنىلىش ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزا، مەھەللىلەرنى تۈزەش تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاپ، شەھەر، يېزا، مەھەللىلەر قۇرۇلۇشىنى ئىناق تەرتىپلىك، يېشىل مەدەنىيلىك، يېڭىلىق يارىتىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ئورتاق قۇرۇپ بەھىرلىنىدىغان بەختلىك ماكاننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، «ئىككى 100 يىل»كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر