باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ

«ئوت يۇرتى» تۇرپاندا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ

2017.06.14 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 13-ئىيۇن كۈندۈزدىن 21-ئىيۇن كۈندۈزگىچە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلاردا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەيدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا 35 گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، تېمپېراتۇرا 13-ئىيۇن كۈندۈزىدىن باشلاپ ئۆرلەيدىكەن، 18-ئىيۇننىڭ ئالدى-كەينىدە يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن. 14- ئىيۇن كۈندۈزىدىن 20-ئىيۇن كۈندۈزىگىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 34تىن 37 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 38دىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 36دىن 39 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتالغان تۇرپاندا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى يىغىندى قارلار نورمال يىللاردىكىدىن كۆپرەك، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى ئېگىز تاغلاردىكى قارلارنى تېز ئېرىتىپ، قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئېشىشى كۆرۈلىدۇ، كۆزىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، تەسىر دائىرىسى كەڭ، يەنە ئورمان، يايلاق، شەھەرلەرنىڭ ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش لايىھەسى ۋە شەھەر- يېزىلاردىكى توك، سۇ ئىشلىتىشنى چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر