- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاۋشيەن كورېيەنىڭ «15-ئىيۇن ئورتاق خىتابنامىسى»نى ئىجرا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2017.06.13 16:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن 12-ئىيۇن كورېيەنىڭ 2000-يىلدىكى شىمال جەنۇب ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان «15-ئىيۇن ئورتاق خىتابنامىسى»نى ئىجرا قىلىشىنى ھەمدە ئۇنى شىمال جەنۇب مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ چىقىش يولى قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «15-ئىيۇن ئورتاق خىتابنامىسى»نىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا 17 يىل بولدى، ئەمەلىيەت بۇ خىتابنامىنى ئىجرا قىلىشنىڭ شىمال جەنۇب مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرى بىر مەزگىل قىممەتلىك يارىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش دەۋرىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «15-ئىيۇن ئورتاق خىتابنامىسى» شىمال جەنۇب مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق بىرلىككە كېلىش پىروگراممىسى. شىمال،جەنۇب ۋە چەتئەللەردىكى چاۋشيەن مىللىتىنىڭ ئىشنى بۇ خىتابنامىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن باشلاپ، شىمال جەنۇب مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش ۋە چوڭ ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر