- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تىرامپنىڭ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇش پىلانى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن
2017.06.13 15:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان تايمىس گېزىتىنىڭ 12-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بۇ يىل ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرلىشى ، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسسا ماي كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىش مۇمكىنكەن.
بىراق، ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: تىرامپنى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىش پىلانىدا ھازىرغىچە ئۆزگىرىش بولمىدى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ 11-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە: تىرامپ تېرىسسا ماي بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئەنگلىيە پۇقرالىرى ئۇنى قارشى ئالمىسا، ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بۇ ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبىيى تىلغا ئېلىنمىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر