باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيە ئۆزگىرىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

2017.06.14 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بيېجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 13- ئىيۇن مەملىكەتلىك مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك- تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، ما كەي، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جىڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا قىلىپ، كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن،«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ تۇتقىنى باشتىن ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ بىر مەيدان پىچاق بىسى ئۆزىگە قارىتىلغان ئۆز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، تەستىقلاپ كېنىشكا تارقىتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھات ئارقىلىق، تەستىقلاپ كېنىشكا تارقىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى ئىجارىگە بېرىشكە ئىنتىلىش ۋە ناتوغرا مەنپەئەتنى تۈگىتىپ، تەستىقلاپ كېنىشكا تارقىتىشقا ئالاقىدار «كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى»نى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە تەستىقلاشنى ئازايتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،مۇلازىمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇرۇپ، قولايلىق، ئادىل بازار مۇھىتىنى يارىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بىر سىستېمىلىق ئومۇمىي گەۋدە، بۇنىڭدا مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى بېرىشتىكى «ئىخچاملاش»نى يەنىمۇ ياخشى قىلىش، ھوقۇقنى تارايتىدىغان «چىپ كىيىم» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، يەنە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتە«قوشۇش» بىلەن مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشتە «كۆپەيتىش»كە ماھىر بولۇپ، ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىكى قىيىن ئىشقا توتۇش قىلىپ، تەستىقلاش تېخىمۇ ئاددى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇلازىمەت تېخىمۇ ئەلا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ مۇشكۈل مۇرەككەپ جەريان. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يىتىلىشىنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بىراق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسى تەقەززا بولۇۋاتقىنىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ پەرق بار، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتىدىغان جاسارەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر