- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا PPP تۈرى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى
ئاساسىي لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 514.95 كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 17 مىليارد 872 مىليون 490 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
2017.06.13 16:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت بىلەن ئەل ئىچى كاپىتالى ھەمكارلىشىش (PPP) ئەندىزىسى قوللىنىلىپ قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان ۋۇتۇڭ بۇلۇڭتوغراقتىن مورىغىچە بولغان تاشيول تۈرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ PPP تۈرى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قۇرۇلۇش لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ بولغان تاشيول PPP تۈرى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ PPP تۈرى ۋۇتۇڭ- بۇلۇڭتوغراق-باي يېزىسى بۆلىكىدىن ئاراتۈرك ناھىيەسى بۆلىكىگىچە، ئاراتۈرك بۆلىكىدىن باركۆل بۆلىكىگىچە، باركۆل بۆلىكىدىن مورى بۆلىكىگىچە بولغان ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان ھەم ئۈچ تۈر بويىچە تۈر تۇرغۇزۇلۇپ تەستىقلانغان، ئاساسىي لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 514.95 كىلومېتىر، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 17 مىليارد 872 مىليون 490 مىڭ يۈەن ئىكەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا ئەڭ تېز كىرگىلى بولىدىغان يولغا ئايلىنىپ، بۇنى ئارايۇلتۇزدىن بوربۇلاق (جيۇچۈەن)نىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ بېيجىڭغا بارىدىغان يولغا سېلىشتۇرغاندا، مۇساپە 1300 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقىرايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قورغاس ئېغىزىدىن تيەنجىن پورتىنىڭ شىمالى دېڭىز لىنىيەسىگە ئەڭ تېز سۈرئەتتە بارغىلى بولىدىغان يول ئېچىلىپ، تيەنجىن پورتىدىن گوللاندىيەنىڭ روتتېردام پورتىغا ئەڭ تېز بارغىلى بولىدىغان «ئاسىيا-ياۋروپا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى»گە ئايلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر