باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: تېببىي دورا-سەھىيە ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل دېلوسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2017.06.13 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 12-ئىيۇن «سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ھەققىدە قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تېببىي خادىملارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ «يۇقىرى بېسىملىق تورى»نى زىچ، پۇختا قۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دورا سېتىش-سېتىۋېلىش ساھەسى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى ناتوغرا ئىستىل دېلوسى سادىر قىلغان ئاپپارات ۋە شەخسلەرنى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ساھە بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەنئى قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە ئىستىلى دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلىغان. 2014-يىلى، ئېلىمىز داۋالاش-سەھىيە ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى «توققۇزغا يول قويماسلىق»نى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ شەخسىي كىرىمىنى دورا ۋە تېببىي تەكشۈرۈش كىرىمىگە باغلاشقا يول قويماسلىق، تالون كېسىپ پىرسەنت ئاجرىتىشقا يولغا قويماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن داۋالاش، دورا ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل ئىنتايىن ئاز ساندىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇنىڭدەك قىسمەن تېببىي خادىملاردا يەنىلا ساقلانماقتا.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى لى لۇپىڭ مۇنداق دېدى: «توققۇزغا يول قويماسلىق»نى سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ « يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى» قىلىپ، داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «توققۇزغا يول قويماسلىق» بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 14 ئۆلكە، شەھەردە 880 قېتىمدىن ئارتۇق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇردى.پىكىردە يەنە ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ باشقا نىشان-ۋەزىپىلىرى بېكىتىلدى. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ۋە 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىغا مەخسۇس ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشى خادىمى سەپلىنىدۇ. تېببىي خادىملارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، ئامما رازى بولىدىغان، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر