باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانغا قان! ئىران تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دۆلەت ھالقىپ قوغلاپ ئۆلتۈرۈلدى

50كە يېقىن ئادەم قولغا ئېلىندى

2017.06.13 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مەھمۇد ئەلەۋىييە 11- ئىيۇن مۇنداق دېدى: تېھراندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدىكى «باش قوماندانى» مەلۇم بىر قوشنا دۆلەتتە ئىران ئالاھىدە خادىمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق 50كە يېقىن جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى.

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرى ئەلەۋىييەنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر قىلدى: تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىغان باش پىلانلىغۇچى ئەسلىدە چېگرا رايونلاردا ئېقىپ يۈرگەن بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېگرا سىرتىغا قېچىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىراننىڭ ئاخبارات تارماقلىرى 10- ئىيۇن بۇ مۇشتۇمزورغا ئاخىرى «ئۆزىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈزدى».

  ئەلەۋىييە بۇ «قوشنا دۆلەت»نىڭ قايسى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق دېمىگەن، ھەمدە بۇ ۋەقەنىڭ «باش قوماندانى»نىڭ سالاھىيىتىنىمۇ تىلغا ئالمىغان. بۇ بەش نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى قاتىل يا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»گە قاتناشقان ئىرانلىقلار بولۇپ، سۇرىيە بىلەن ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىكەن.

  تېھران پارلامېنت بىناسى ۋە مەرھۇم ئەڭ ئالىي داھىيسى ھۈمەينىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 17 ئادەم قازا قىلغان، 52 ئادەم يارىلانغان. ئۆلگەنلەر ئىچىدە، 10 كىشى ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر