باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆك تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىندى

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى مۇقىم بولۇپ، مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئاشتى

2017.06.13 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مايكوس تەتقىقات يۇرتى 12-ئىيۇن بېيجىڭدا 2017-يىللىق جۇڭگو ئىستۇدېنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتى (ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆك تاشلىق كىتابى) نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى ئومۇمەن مۇقىم بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئاشقان، پۇقراۋى كارخانا، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك رايونلار يەنىلا ئىستۇدېنتلارنى ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشى قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى سىجىل ئاشقان. بىراق ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئىگىلىك تىكلەش ئۈنۈمىنى باھالاشتا يىراقنى نەزەردە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. كونكرېت ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەك:

  1. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى ئومۇمەن مۇقىم بولدى. ئىستۇدېنتلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىلەن 2016-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يۆنىلىشىگە دائىر كونكرېت سانلىق مەلۇماتنى سۈرەتتىن كۆرۈڭ.

  2. ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئاشتى. 2016-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى %65 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى %66، ئالىي، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى %63 بولدى. بەش قارارلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئاشتى، 2012-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى %55 بولۇپ، بەش قارارنىڭ ھەر بىر قارارىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  3.ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، ئالىي مائارىپنىڭ ئىستۇدېنتلاردىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئۈچ يىلغىچە ئېرىشكەن جاۋابى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2016-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 3988 يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 2016-يىلى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 4376 يۈەن، 2016-يىلى ئالىي، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 3599 يۈەن بولۇپ، بىردەك شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ 2016-يىللىق ئايلىق تەقسىملەنگەن كىرىمى (2801 يۈەن) دىن يۇقىرى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئۇلار پۈتكۈزگەن ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا %84 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ %87، ئالىي، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ %81 ئاشتى.

  4.ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئىگىلىك تىكلەش ئۈنۈمىنى باھالاشتا يىراقنى كۆزدە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. 2013-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ %46.2 ى ئۈچ يىلدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، 2012-يىلىدىكى (%48.6) دىن 2.4 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى؛ 2013-يىلى ئالىي، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ %46.8 ى ئۈچ يىلدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، 2012-يىلىدىكى (%47.5 ) تىن سەل تۆۋەنلىدى. 2013-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ %2.3 ى داۋاملىق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى (تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەر %1.2، ئالىي، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر %3.3)، ئۈچ يىلدىن كېيىن %5.9 ئىستۇدېنت ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى (تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەر %3.8، ئالىي، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر %8.0)، بۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىستۇدېنتنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر