باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمىدۇق

2017.06.19 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايرىم ئورگانلارنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى نامى بىلەن سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 16-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمىدى، دېدى.

  يېقىندا ئايرىم ئورگانلار مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش مەركىزى نامى بىلەن مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش مەركىزىنى ئەزەلدىن قۇرۇپ باققىنى يوق، ھەرقانداق سەئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش ئورگىنىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئورگانلار قاتارلىق ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە ئىلھام بەرمەيدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى ساختا ئېلانلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىككە ئەسكەرتتى ھەمدە مۇنداق دېدى: ساختىلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر