باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەتئىي تەۋرەنمەستىن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ئابلىز نىياز

2017.06.16 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن قومۇلدا ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە بىڭتۈەندە ئوقۇدۇم، خىزمەت قىلدىم ۋە ئۆسۈپ يېتىلدىم، قەلبىمگە باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنى پۈكۈپ، بىڭتۈەنگە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيدۈم، شۇنداقلا ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە ۋە بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە باشتىن- ئاخىر مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم ھەم ئۇنى سۆيدۈم. مەن ھايات مۇساپەمدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل زور ئۆگىرىشىلەرگە شاھىت بولۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

  مەن قومۇلدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم. مەن بىلىم ئېلىش ۋە خىزمەت مۇساپەمدە پارتىيەنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ، بىڭتۈەننىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتىم. يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەش داۋامىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش نىشانىنىڭ ئاقىلانە، توغرا بولغانلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيە ۋە خەلق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى چىڭ ساقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىمەن.

  مەن بار ئاۋازىم بىلەن شۇنداق دېمەكچىمەنكى، ئۇيغۇر قېرىنداشلار، سەگەك بولايلى! پېشقەدەملەردىن كونا ۋە يېڭى جەمئىيەتنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى ئاڭلاپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزدىن ياخشى بەھرىلىنەيلى؛ خەلقئارادا غەرب زوراۋانلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۇرۇش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان دۆلەتلەردىكى يۇرت- ماكانى ۋەيران بولۇپ سەرسانلىقتا يۈرۈۋاتقان، ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىشنىڭ ئېغىر ئازابىنى تارتىۋاتقان بىگۇناھ پۇقرالارغا قاراپ باقايلى؛ مىللىتىمىز ئىچىدىكى غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ئوچۇم مۇناپىقلار، ئاشۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى پەيدا قىلغان ھاماقەتلەرنىڭ ھەر قېتىملىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرى، شۇنداقلا ھاياتىي بىخەتەرلىكىمىز ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا كەلتۈرگەن زور زىيىنى ئۈستىدە قايتىدىن ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقايلى.

  بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق دەيمىزكى، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىمىزگە ئىلگىرىمۇ ھېچكىم بۇزغۇنچىلىق قىلالمىغان، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ ھېچكىم بۇزغۇنچىلىق قىلىش خىيالىدا بولمىسۇن، بىز سىلەرگە قارشى ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە قەتئىي تەۋرەنمەيمىز ھەم قەتئىي چېكىنمەيمىز! سىلەرنىڭ بارلىق بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىڭلار ئۈزۈل- كېسىل مەغلۇب بولىدۇ! مەن ئاشۇ يامان غەرەزلىك «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي ئاگاھلاندۇرىمەنكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە ئەلرايى. سىلەر قانچىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولساڭلار، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىمىز؛ بىز خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئويۇشۇپ، خۇددى تەڭرىتاغدىكى قارىغايلاردەك، قۇملۇقتىكى توغراقلاردەك ۋەتىنىمىز زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىمىز.

  ئۇيغۇر قېرىنداشلار، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش − ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى قوغدايدىغان بىر مەيدان كۈرەش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئالدىدا، بىز بىر قەدەممۇ چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك. بىز ھۇشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇققا پىسەنت قىلمايدىغان، ئىنسانپەرۋەرلىكنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق ئاخىرقى چېكىگە خىرىس قىلىدىغان رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى قاتتىق ئاشكارىلىشىمىز؛ ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، شىنجاڭ زېمىنىدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  سۈكۈت قىلىش يول قويغانلىق بولىدۇ. ئۇيغۇرلار «ئۈچ خىل كۈچ» تەرىپىدىن پايدىلىنىلسا ۋە ئىسكەنجىگە ئېلىنسا، ئۇيغۇرلارغا زوراۋان- تېررورچى دېگەن بەلگە چاپلىنىپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇر كادىرلار قەتئىيلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشىمىز؛ بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيەۋىيلىكىمىزنى ساقلاپ، مەيدانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پاكىت قويۇپ قائىدە سۆزلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى كەڭ دائىرىدە ئېچىپ تاشلىشىمىز؛ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باي، مەدەنىي، زامانغا لايىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، مەشرەپ ئويناپ، ئەتلەسنى جۇلالىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى گۈللەندۈرۈپ، پولات ئىستىھكامنى قۇرۇپ چىقىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر