باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.06.15 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 14-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، بىر تۈركۈم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى بىكار قىلىپ ۋە تۆۋەنگە بېرىپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بېكىتىلدى؛ قىسمەن ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)لەردە يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېشىل تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھالقىلىق تىرىكى. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ۋە تەستىق تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، شۇنداقلا تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ــــ بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ دەرىجىسى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. كۆپ نۆۋەتلىك ئىسلاھات بولۇپمۇ 2015-يىلدىن بۇيان ئىسلاھات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتقاندىن كېيىن، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئەڭ دەسلەپكى 487 تۈردىن ھازىرقى 60 تۈرگە قىسقارتىلىپ، ئىجازەت ئالدىنقى شەرتى زور دەرىجىدە بىكار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى يەنىمۇ قىسقارتىش كېرەك. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان سۇ تۇرۇبىسى، باتارېيە قاتارلىق 19 مەھسۇلاتنىڭ ئىشتىن ئاۋۋالقى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ مەھسۇلات سۈپىتى بىر قەدەم مۇقىم، لېكىن ئاۋام ئىستېمالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان توك ئەدىيال، موتوسىكلىتقا ئولتۇرغۇچىنىڭ قالپىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان قائىدە بويىچە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئېتىراپنامە قوللىنىش، ئىجازەتلىك باشقۇرۇشنى قوللانماسلىق كېرەك. يۇقىرىقىدەك تەڭشەش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدىغان مەھسۇلات 38 تۈرگە قىسقارتىلىدۇ. شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان، مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، يەرلىك باشقۇرسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ ئىجازەت ھوقۇقى يەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىغا قىسمەن رايون ۋە كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھوقۇقى بېرىش كېرەك. گۇۋاھنامە بېرىشتىن بۇرۇنقى مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈش ھالقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىلار سالاھىيىتى بار تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتلىرى چىقارغان لاياقەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئالدىن تەكشۈرۈشنى كېيىن تەكشۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، كارخانىلار ئىلتىماس تاپشۇرۇپ ۋە مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىپ ئاندىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، «ئاۋۋال كىنىشكا ئېلىپ ئاندىن تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇش كېرەك. كېيىنكى باسقۇچلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بايقالسا، قانۇن بويىچە ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانى ۋە تۈرىنى كۆپەيتىپ، قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ بۇ قېتىم ئىجازەت باشقۇرۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر