باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن

2017.06.14 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدا يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى سۆيۈش، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەۋج ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسىغا ئايلاندى. يولداش چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا چاقىردى. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىلىرى، ئۇلار تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەر ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ تۈپ تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىپ روناق تېپىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى، تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈشى؛ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلەپلىرى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «بىر باش نىشان»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا»نى ئىگىلەش، «بىر يۈرۈش مېخانىزم»نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئالتىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇش، «بەشنى باشقۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش، «تۆت تولۇق قاپلاش»نى ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر نورمال ھالەت»نى ساقلاش، «ئۈچتە قەتئىي بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، «بىر بوش قويۇۋەتمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش، «بىر ياخشى ۋەزىيەت» بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ «بىرىكمە مۇشتى»نى ياخشى ئېتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىسى بىلەن تەشكىلات خىزمىتىنى ئۆلچىشى كېرەك. ئۆزىنى پارتىيەگە، ۋەتەنگە بېغىشلاش، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى بۇرچ، مەسئۇلىيەت، نورمال ھالەت، تەشكىلات خىزمىتى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، شەخسلەر قىلمىشىغا قارىتىلغان تۈپ تەلەپ قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىنى ساقلىشى؛ سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى بايقاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىشى؛ پارتىيە قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى قەتئىيلىكى، بىردەكلىكىنى ساقلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتىشنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ياخشى قىلىشنىڭ تۈپ خىزمەت ئۆلچىمى، ئەڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماي، ئۇلارنى كوچىغا چىققان چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ئاقىۋەتكە قويۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىدارلىق، ئەخلاقلىق كىشى ۋەزىپىگە تەيىنلەنسە، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىقتىدارلىق، ئەخلاقلىق كىشىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پەيدىنپەي ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «20 خەتلىك» ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ «ئۈچ ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىككە، پەزىلەتكە، ئەمەلىي نەتىجىگە، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يولداش چېن چۈەنگو ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچتە دادىل بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىشتە پارتىيە ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ياخشى كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە دادىل ئوتتۇرىغا چىققانلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ، روشەن ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. كادىرلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەرىكەت ئىپادىسى ۋە ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئېنىقلاپ، زېرەك كىشىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى سەھنىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، تۆۋەندە قارشى مۇقام توۋلايدىغان، دىنغا يوشۇرۇن ئېتىقاد قىلىدىغان كادىرلار؛ ئىنتىزامنى تەكىتلىمەيدىغان، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا بويسۇنمايدىغان، قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلىدىغان، ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن يوشۇرۇن تىل بىرىكتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىغا قېتىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا يانتاياق بولىدىغان كادىرلار؛ ئومۇمىيلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە «بەشنى تونۇش»قا مۇخالىپ ئىش قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىلگىنىنى قىلىدىغان، تەكەببۇر، قالايمىقان سۆزلەيدىغان كادىرلار؛ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، مىللەتلەر ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىدىغان، گۇرۇھۋازلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئاستىرتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كادىرلار؛ مەسئۇلىيەتنى تەكىتلىمەيدىغان، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلمايدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرمەيدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلمايدىغان، توسىمايدىغان، دوكلات قىلمايدىغان، ھەتتا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئېقىمغا ئەگىشىدىغان كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇمەن «ئىككى بىسلىق» سۆز- ھەرىكەتلەردە بولغان كادىرلارنى قەتئىي ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ، رەھبەرلىك ئورنىدا بولسا، قەتئىي تەڭشەش ھەم پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم تايانچ كۈچ ئاساسىي قاتلامدا، ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىمۇ ئاساسىي قاتلامدا، شۇڭا ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى پۇختا سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ئاساسنى پۇختىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدا تىپ تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى ۋە فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ۋاقتىدا بايقاش، تەربىيە بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈم مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق رايونلاردا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى تەكشۈرۈش ۋە تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزا- كەنت، كوچا، مەھەللىلەر رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى، بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى ھەقىقىي كۈچلۈك سەپلەپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى قەتئىي ئېلىۋېتىش كېرەك. 1- شۇجىنىڭ كەنت (مەھەللە)لەردە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەسىلىسىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش رولىنى كۈچەيتىپ، كۈرەشتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇللۇق، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، «بەشتە ئۈلگە» بولىدىغان، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تەشكىلات خىزمىتى كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرىنى تىرىشىپ سىياسىيغا، ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كەسپىگە پۇختا، ئىستىلى دۇرۇس ئۈلگىلىك تارماق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى، كادىرلارنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك. يولداش چېن چۈەنگونىڭ «بەشتە ئۈلگە بولۇش» تەلىپى بويىچە، سىياسىي ئۆلچەمنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىش، ئىنتىزامنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلات خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ئۈلگىلەردىن بولۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر سىرداش، قەلبداش بولۇشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈلگىلەردىن بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىدە، بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك قىلىپ، ئىنقىلابىي جەڭچىلەردەك ئېسىل پەزىلىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈپ، زەربە بېرىش، ئۆچ ئېلىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىشلاردىن قورقماي، ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. سادىق، مەسئۇلىيەتچان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى قىلىش، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پارتىيەنى قوغداش، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر كۆڭۈلنىڭ تۆرىگە قويۇش، «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ياخشىچاق»، «گالۋاڭ»لاردىن بولماسلىق، دادىل زىممىگە ئېلىش، قول سېلىپ ئىشلەشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، دىققەتنى باشتىن- ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى يېتەكچى، باش تېما، بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر نىشان ئېنىق، ئىشەنچ تولۇق، تەدبىر ئەمەلىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئادەمنى توغرا تاللاش، توغرا ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي فۇنكسىيەسى، تەشكىلىي كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ئادىل، دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت يادرولۇق ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچ قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلامنى، ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر