باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ئۇتۇقلۇق ھالدا مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىلدى

«كۆپ خىل قوغداش قۇرۇلمىلىق قۇدۇق قاپقىقى» پات ئارىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

2017.06.14 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16 ياشلىق ئۆسمۈر تيەن جيايۈەننىڭ بىر تۈرلۈك پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئەمەلىي مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇلدى. بۇ، شىنجاڭدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنىڭ تۇنجى قېتىم مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  12-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى تيەن جيايۈەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم ھەم ئىپتىخارلاندىم، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.»

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان پەن-تېخنىكا نەتىجىسى تيەن جيايۈەننىڭ بۇلتۇر دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشكەن «كۆپ خىل قوغداش قۇرۇلمىلىق قۇدۇق قاپقىقى» بولۇپ، بۇ نەتىجە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا كەشپىيات مۇسابىقىلىرىدە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 68-نۆۋەتلىك نيۇرنبېرگ خەلقئارا كەشپىيات (گېرمانىيە) مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ نەتىجە كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، نۇرغۇن شىركەت تيەن جيايۈەننى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېچىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىل 5-ئايدا، تيەن جيايۈەننىڭ دادىسى تيەن چاۋياڭ فۇكاڭ جىنشىڭ قۇيمىچىلىق مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى بىلەن پاتېنتنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش كېلىشىمى تۈزدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، كەلگۈسىدىكى بەش يىلدا، شىركەت پاتېنتنى ئىشلىتىش ھەققى بويىچە پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىگە بەلگىلىك قىممەتتە ھەق تۆلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا، پاتېنت ئىگىسى پاتېنتىنى پاي قىلىپ قوشۇش بويىچە كىرىمگە ئېرىشىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ نەتىجە بويىچە سىناق تۈردە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلدى، ئۇزۇنغا قالماي تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، «كۆپ خىل قوغداش قۇرۇلمىلىق قۇدۇق قاپقىقى» ئادەتتىكى قۇدۇق قاپقاقلىرى بىلەن ئوخشاشمايدىكەن، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى كىۋادرات شەكىللىك بولۇپ، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ چىداملىق قىلىپ ئۈچ قەۋەت لايىھەلەنگەن ، سىرتقى قەۋىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، قالغان ئىككى قەۋىتى رولىنى نورمال جارى قىلدۇرىدىكەن، ناۋادا يۇقىرىقى ئىككى قەۋىتىنىڭ ھەممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۈچىنچى قەۋىتى يەنىلا ماشىنا ۋە ئادەملەرنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلالايدىكەن، بىخەتەرلىك كوئېففېتسېنتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر