خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كىيىم لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي مودىللار كومىتېتى ئۆتكۈزگەن 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپىي مودېللار مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپىي مودېللار مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى) مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
17 -نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپىي مودېللار مۇسابىقىسى جۇڭگو كىيىم لايىھىلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي مودىللار كومىتېتى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ كەسپىي مودېل مۇسابىقىسى. شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 10 قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەسپى مودېل مۇسابىقىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مودا مەدەنىيىتىنى بېيىتىش ۋە نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى