باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى ئالدامچىلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

2017.06.12 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، بەزى قانۇن بۇزۇقچىلىرى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ جىددىيلىشىدىغان كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق كويىدا ئۇلارغا تۇزاق قۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا شۇلارنى ئەسكەرتتىكى، بۇ خىل ئالدامچىلىقلاردىن، يەنى، ئاتالمىش «نومۇرۇڭلار چىقىشمىسا، پۇل بەرسەڭلار ھەل قىلىمىز.» دېگەنگە ئوخشاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بېرىدىغان ساختىلىقلاردىن، «ئۆز ئىچىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان سانلار»، "نومۇر تەكشۈرۈش تور بېكىتى" دېگەندەك ئالدامچىلىق قىلىشتىكى ھىلە-نەيرەڭلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

  بۇلتۇر 8- ئايدا يۈز بەرگەن بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە ھەممەيلەننىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، يەنى، شەندۇڭلۇق ئوقۇغۇچى شۈ يۈيۈ بىر تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچىراپ، تېخى ئالىي مەكتەپكە كىرىشكە ئۈلگۈرمەيلا، ئاشۇ بىر قېتىملىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى. مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. مانا ھازىر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى»دىن ئېھتىيات قىلىش سىگنالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىدۇر. بۇ ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى ھەر خىل ئالدامچىلىقلاردىن پەخەس بولۇش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش، ھەمدە زەربە بېرىشنىڭ سالمىقىنى ئۆستۈرۈش يەنىلا ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

  ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسىدىكى مۇشۇ بىر مەزگىلدە، مۇقەررەر ھالدا يەنە ھەر خىل ئالدامچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. قانۇن بۇزۇقچىلىرىنىڭ ئالدامچىلىقتا قوللىنىدىغان بەزى ھىلە-نەيرەڭلىرىنى بەزىدە كىشىلەر ئاسانلا پەرق ئېتەلەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم يېڭى تىپتىكى ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى كىشىلەرنى ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلىنالمايدىغان ھالەتتە قويۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا قارىتا ئالدى بىلەن ھوشيارلىقنى ساقلىشى ۋە ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك.

  ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل ئالدامچىلىق ۋەقەلىرى شۇنچە كۆپ يىل ئەۋج ئېلىپ، دەۋر سۈرۈپ كەلدى، ھەمدە بۇنىڭغا ئالدىنىۋاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارمۇ ھەمىشە بار بولۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، نۇرغۇن ئالدامچىلىق ۋەقەلىرى چاتما ئالدامچىلىق بولۇپ، بۇنىڭدا بىر ھالقىغا يەنە بىر ھالقا باغلانغان. ئالدامچىلار ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە ھاللاردا بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. مۇشۇ چاغدا، ئەگەر بۇ خىل ئالدامچىلىقلار ئاتا-ئانىلارنىڭ جىددىي روھىي ھالىتى بىلەن بىرلەشسە، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ۋاقىتتا ناھايىتى ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ.

  بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش ۋە پايدىنى كۆزلەش پىسخىكىسىدا بولماسلىقى كېرەك. دۇنيادا ھەقسىز تاماق يوق. ئەمما، بەزى ئالدامچىلار دەل مۇشۇ پەيتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ نومۇر چېكىگە يەتمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشقا ئالدىراشتەك ئاجىز پىسخىكىسىنى تۇتۇۋالىدۇ. نەتىجىدە، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئالدامچىلارغا پۇل تاپشۇرىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

  ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارمۇ ئەلۋەتتە بۇنداق ئىشلارغا سەگەك بولۇشى ۋە ئالدامچىنىڭ «يوچۇق تېپىپ كىرىۋېلىش»ىدىن پەخەس بولۇشى زۆرۈر. بولۇپمۇ ئىلگىرىكى ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئالدامچىلارنىڭ قولىغا ئاسانلا چۈشۈپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.

  ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر «پىكىر»دە، تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە «ئەھۋالغا قاراپ ئېغىر جازا بېرىش»تىكى 10 خىل ئەھۋال ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى، ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ئۇلاردا روھىي نورمالسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى دېگەندەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش» دېگەندەك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

  لېكىن، ئەمەلىيەت داۋامىدا، بەزى ئورۇنلارنىڭ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئىلگىرىكى ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش مەنبەسىنى توسۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن ياكى بۆلمىگەنلىكىدە يەنىلا گۇمان مەۋجۇت. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەرقانچە قاتتىق قانۇننىڭمۇ پەقەت قورقۇتۇش ۋە جازالاش كۈچىلا بولىدۇ، ئەمما جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى پۈتۈنلەي توسۇپ قالالمايدۇ.

  شۇڭا، ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئالدىنىپ قىلىشىدىن ھوشيار بولۇشقا ئەسكەرتكەندىن باشقا، ئالدامچىغا قارىتا، كۆرۈلگەن ھامان زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاش، تېخىمۇ ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش خەۋپ نۇقتىسىنى چارلاش ۋە تەكشۈرۈش، ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قالغان ئەھۋال بايقالغان ھامان، ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تېزدىن يولغا قويۇش، ئۇچۇرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاشكارىلىنىپ قېلىش يۇچۇقلىرىنى تېزدىن ئېتىپ تۈزەشتۈرۈش ۋە ئۇنى توسۇش، ھەمدە بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا دەرھال سىگنال بېرىش كېرەك. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر