باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى 930 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، جامائەت تەنتەربىيە مەيدان- سارايلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى ئەرزان باھادا ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2017.06.13 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2017- يىللىق ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېچىۋېتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 930 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، تەنتەربىيە تارماقلىرىغا قاراشلىق 1257 چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېچىۋېتىشنى قوللىغان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلارنىڭ تىجارەت- باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2014 ـيىلىدىن باشلاپ، مەركەز مالىيەسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېچىۋېتىش تولۇقلىما مەبلىغى تەسىس قىلدى. ياردەم مەبلىغى __تولۇقلىما مەبلىغى ۋە مۇكاپات پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئالاقىدار تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ھەقسىز، تۆۋەن باھادا ئېچىۋېتىلىشىگە ئايرىم- ئايرىم مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە قارىتا مۇۋاپىق مۇكاپات بېرىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2014-يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسى جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، جايلارنىڭ تەنتەربىيە تارماقلىرىغا قاراشلىق چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېچىۋېتىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئاممىنىڭ تەنتەربىيە بەدەن چىنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنىڭ تىجارەت ھاياتىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر