خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇن، رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ سۇرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى باشتا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا، گاۋ لىن ۋە ۋۇ شى ئۇدا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، جۇڭگو كوماندىسى ئېشىپ كەتتى، لېكىن ۋاقىتنى ئۇزارتىش باسقۇچىدا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقتىن، جۇڭگو كوماندىسى سۇرىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ئالتە نومۇر بولۇپ، گۇرۇپپىدىكى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندىكى ئۆزبېكىستان ۋە سۇرىيەدىن ئايرىم-ئايرىم ئالتە نومۇر ۋە ئۈچ نومۇر كېيىن قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى