باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

2017.06.14 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلار جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما شياۋپىڭ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزور مەركىزى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ ياڭياڭ جۇڭگو ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى .

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى .

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى نۆۋەتتە شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باش نىشاننى ئاڭلىق چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ماركىسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بايراقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەت يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تۇرمۇشنى كۈيلەپ، ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە ئەلنەغمە خىزمەتچىلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىرى چوقۇم جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى؛ ئەمەلىي تۇرمۇش، خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سەنئەت ماھارىتى، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىس ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلدى. يىغىندا رەئىسلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى ھەم ئايرىم - ئايرىم ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سانى، سۈپىتى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەلنەغمىسى، ئوبزورچىلىق ئىشلىرى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭنىڭ مول ئەلنەغمە تۈرى ۋە قىممەتلىك ئەلنەغمە مەدەنىيىتى، ئۆزىگە خاس مول مەزمۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەت ئەلنەغمە شەكلى بار. شۇڭا يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ئەلنەغمىچى ۋە ئوبزورچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك. (مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر