- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىراقنىڭ موسۇلدا تەخمىنەن 900 پۇقرا يېمەكلىكتىن زەھەرلەندى
2017.06.14 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراقنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، موسۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر پۇقرالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لاگېرىدا تەخمىنەن 900 پۇقرادا شۇ كۈنى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىران پارلامېنتىنىڭ پۇقرالارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارغا مەسئۇل پارلامېنت ئەزاسى زاھىد خاتۇن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: موسۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھەسەن شام U2 ئورۇنلاشتۇرۇش لاگېرىدا ئولتۇراقلاشقان تەخمىنەن 900 پۇقرا روزىلىق تاماق يېگەندىن كېيىن، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.
زاھىد مۇنداق دېدى: زەھەرلەنگۈچىلەر داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئاياللار، ياشانغانلار ۋە بالىلار. ھازىر ئەھۋال كونترول قىلىندى، ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر