باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلى، 5-ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسى (5G) ئارقىلىق 100 مىليارد يۈەنگە يېقىن GDP ياراتقىلى بولىدۇ

2017.06.14 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئۇچۇر-ئالاقە تەتقىقات يۇرتى 14-ئىيۇن ئېلان قىلغان «5G نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارغا بولغان تەسىرىگە دائىر ئاق تاشلىق كىتاب» مۆلچىرىدە، 2020-يىلى، تېلېگراف سودىگەرلىرىنىڭ 5-ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسى (5G) تور ئەسلىھەسىگە سالغان مەبلىغى 220 مىليارد يۈەندىن، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ 5G ئەسلىھەسى جەھەتتىكى چىقىمى 54 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تەخمىنەن 484 مىليارد يۈەنلىك ھاسىلاتقا تۈرتكە بولۇپ، تەخمىنەن 92 مىليارد يۈەنلىك GDP نى بىۋاسىتە يارىتىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 5G يېڭى تور قۇرۇلمىسى بىلەن 4G نىڭ 10 ھەسسىسى باراۋىرىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مىللىسېكونت دەرىجىلىك يوللاش كېچىكىشى ۋە 100 مىليارد دەرىجىلىك ئۇلىنىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بارلىق مەۋجۇداتلار كەڭ ئالاقە باغلاش، ئادەم-ماشىنا چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى ھەم لىنىيە ئىچىدىن سىرتىغىچە، ئىستېمالدىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە، سۇپىدىن ئېكولوگىيەگىچە، ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولغۇسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر