باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تۈلكە ئوۋلاش - 2017» ھەرىكىتىدە ئىككى كىشى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىندى

ئۈچ يىلدا «ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىنىپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن، چەت ئەلدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن، تۇتۇپ كېلىنگەن» چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى 16گە يەتتى

2017.06.14 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «تۈلكە ئوۋلاش-2017» چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنى تۇتۇش ۋە ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ساقچىلىرى ئىككى ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە، ئىككى ئىقتىسادىي جىنايەتچىنى مىسىر، قىرغىزىستاندىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنى تۇتۇش ۋە ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلاشتۇرۇپ، تەربىيە قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىش، سىياسىي جەھەتتىن پىسخىكا ھۇجۇمى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىش ياكى قولغا چۈشۈرۈپ قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلگەن، 2014-يىلى «تۈلكە ئوۋلاش» ھەرىكىتى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ تارماقلىرى رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تۈركىيە، مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا، لائۇس، بىرما، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەلگەن، قايتۇرۇۋېتىلگەن، تۇتۇپ كەلگەن ئىقتىسادىي جىنايەتچى 16 گە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر