باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان پوچتا پويىزى جۇڭگودىن قازاقىستانغا قاراپ يول ئالدى

2017.06.14 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا شىنجاڭ قورغاس تاموژنىسىنىڭ H986 تەكشۈرۈش مەيدانىدا گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو دائىرىسىدىكى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە بارىدىغان لىق پوچتا يوللانمىسى قاچىلانغان قازاقىستان پوچتا پويىزى جۇڭگودىن قازاقىستانغا قاراپ يول ئالدى.

  نۇرلان جۇڭگو قورغاس خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى ئالماشتۇرۇش بېكىتىدىكى ئالماشتۇرغۇچى. ئىمپورت قىلىنغان خەلقئارا پوچتا ئورامىغا قازاقچە، رۇسچە، ئېنگلىزچە قاتارلىق چەتئەل يېزىقلىرى يېزىلغان، 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ قازاق يىگىت ھەر كۈنى پويىز بىلەن بىرگە مېڭىپ، ئالدى بىلەن يول خېتىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ، ئاندىن خەنزۇچە ماركا بېسىپ چىقىرىپ، چەتئەل تىلى ماركىسىنىڭ ئارقىغا چاپلايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇنداق ئىمپورت قىلىنغان خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئورامى ئۈرۈمچىدىكى پوچتا رايونى مەركىزى ئىدارىسىدا ئايرىلىپ، پېچەتلىنىپ، يۆتكەپ توشۇلغاندىن كېيىنلا چاتاق چىقمايدۇ.

  قەدىمكى زاماندا يىپەك يولى سودا ئوبوروت چوڭ يولى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىر بەلباغ بىر يول چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولدى.

  چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەھسۇلاتلىرىنى ئەۋەتىشتىكى ئاساسلىق يول سۈپىتىدە جۇڭگو پوچتىسى ئىنتېرنېت قوشۇلغان تېز يەتكۈزۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تور ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى، جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر ئارا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو پوچتىسى خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى، قوشۇمچە ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن 49نى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىدىن 8نى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن 7نى تەسىس قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەخسۇس مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپى ئارقىلىقلا جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى غەربىي رايوننىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، ئېلېكتىر تورى، سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلىرىگە 400 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنى 200 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى زور تۆمۈر يول ھەمدە بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەرگەن.

  جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى گوخۇا مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگو پوچتىسى تۆمۈر يول تىرانسپورت پوچتا خىزمىتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ياۋروپا مەخسۇس پويىزى خەلقئارا تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورت يولىنى جۇڭگو پوچتىسى خەلقئارا سۇ قۇرۇقلۇق يولى پوچتا يوللانمىسى ئېكسپورت يېڭى يولى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسلىق يولى، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغان چوڭ يول قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر